The death of children (Uyghur)
by Mukaidaisa Muhataer
The death of children (Uyghur)
The death of children (Uyghur)
تەبىئەت ۋە ئادالەتنى بىزار قىلىدىغىنى
بالىلارنىڭ ئۆلۈمى. نېمە ئۈچۈن دەپ سوراشنىڭ پايدىسى يوق.
ئادالەتنىڭ نېمىلىكىنى، ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ.
قانداق جازا خاتانى تۈزىتەلەيدۇ؟
بۇنىڭ ھېچقانداق باھانىسى، سەۋەبى ۋەياكى چۈشەندۈرۈشى يوق.
بالىلارنىڭ ئۆلۈمى ھەممىدىن بەك ئادەمنى رەنجىتىدۇ.
تالاش-تارتىش قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ياسالمىلىق قىلىدۇ
قىسمەتنىڭ قۇرلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن.
گەرچە بىزنىڭ
ئادالەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە
قەسەم ئىچىشىمىز كېرەك بولسىمۇ، ھېچكىم
تەقدىر ياكى پۇرسەتنىڭ قانداق توقۇلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق سەۋەپلەر بىلەن توقۇغان يالغانلىرىنى
كىم قوللايدۇ.
بالىلارنىڭ ئۆلۈمى ھەممىدىن بەك ئادەمنى رەنجىتىدۇ..
ناھايىتى ئاز ساندىكى ھايات قالغان ئاتا-ئانىلارلا يىغلىيالايدۇ.
ئۆلۈم بۇنداق ئايرىمچىلىققا ئۇچرىسا قانداق بولىدۇ.
ئادالەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ.
ئۇنداقتا ھۇزۇر ۋە جاسارەت ئېلىپ كېلەيلى. ياتلار ۋە دوستلار،
بالىلار ئۆلگەن چاغدا ھەممىمىز ئاتا-ئانا ئەمەسمۇ؟
ئادالەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ.
بالىلارنىڭ ئۆلۈمى ھەممىدىن بەك ئادەمنى رەنجىتىدۇ.
رىچارد بەرەنگارتىن
RICHARD BERENGARTEN